مەن ھېلى خەۋەردىن بۇ ياتقان بىنانىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ئۇنى تېخى تېگىدە تۇرۇپ ئۈستىگە قارىتىپ رەسىمگە تارتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،كىم بىلسۇن ئۇنىڭ ئۆرۈلگەن بىنا ئىكەنلىكىنى ،ھەي ،نېمە دېگەن مەزمۇت ھە ، "يېتىپ "تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى يوقاتماپتۇ .
2.دۇنيادىكى ئەڭ ئازاپلىق ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سېتىۋالغان ئۆيىڭىزنىڭ ئۆرۈلگەن بىنادا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يېنىدىكى بىنالاردا بولۇپ قالغىنى ..
3.مۇخبىر نەق مەيدانغا ئەڭ تېز سۈرەتتە يېتىپ كېلىپ يېتىۋالغان بىنانى زىيارەت قىلدى ۋە :سىز پارتىيە ئۈچۈن ياتتىڭىزمۇ ياكى خەلق ئۈچۈنمۇ دەپ سوئال سورىدى .
4.مەلۇم تورداشنىڭ ئايالى بىنا سالغۇچىلاردىن :بار ى يوق پۇلنىڭ ھەننىۋاسىنى ئالدىڭ ،ئەمدى جېنىمنىمۇ ئالامسەن ؟دەپ سورىدى .
5.سۈپىتىنى ناچار دەي دېسەك پېتىدىن چۈشمەپتۇ ،ناچار ئەمەس دېسەك ئۆگزىسى پۈتمەي تۇرۇپ "يېتىۋاپتۇ ".....
6.ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ كەيپىياتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ،ۋە بۇ بىنانىڭ ئۆرۈلىشىنىڭ ئۆزلىرىگە چوڭ دەخلى قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات قىلىشتى .
7.ئاياللار ئەيتۇدىلەركى :يىقىلغان جايىدىن تۇرالىغان ھەقىقى ئەركەك ،يىقىلالىغانمۇ ھەقىقى ئەركەك ،
بىنا سالغۇچى ئېيتۇدىلەركى :تۇرالىغان بىنا ،ياتالىغان بىنا ،ئۇ ھەقىقى بىنا !
ئۆي ئالغۇسى خېرىدار ئەيتۇدىلەركى :بۇ بىناغا كۆچۈپ كىرسەڭمۇ ئۆلىسەن ،سىرىتىدا تۇرساڭمۇ ئۆلىسەن ،بەرىبىر ئۆلىسەن ..
8.يېتىۋالغان بۇ بىنا ئەيتۇدىلەركى :ۋەتىنىمىزنىڭ 70يىللىق ئۆي مۈلۈك ھوقۇق ۋاقتىنى ئاز بولۇپ قالدى دەيسىلەر ،مانا مەن ھەممىڭلاردىن بەكەرەك ئالدىرايمەن...
9.ئىنتايــــــــــــــــــــــىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز بىنالارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن ، ئەتراپتىكى ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمەيدىغان كۆپلىگەن بىنالار يوللاردا توساق قۇرۇپ ...ئاقىبەت يېڭى بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشىدەك قاباھاتنى پەيدا قىلدى ..
10.تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىنانىڭ "تەكلىپ قىلىنغان "(پىنيۇڭ)بىنا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى .
11.ياق ! ئۇ ئۆرۈلمىدى ،يىقىلغان ۋاقىتتتىكى مەغرۇر ،تىك قەددى قامىتىگە قاراڭلار ،بۇ قانداق بىر روھ ھە !....
12.بىر چۆمۈلە يولدىن ئۆتىۋىرىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىناغا ئۈسۈۋالدى دە ئاچچىقىدا بىر پۇتى بىلەن بۇ بىنانى بىرنى تېپىۋىدى ....بىنــــــــــــــــا ئۆرۈلۈپ كەتتى ...
13."خوشال خورام ھالدا قۇرۇلۇپ ،ئامان ئېسەن ھالدا "ياتىمىز "
14.بىنا ئەيتۇدىلەركى :تۇرۇپ ھېرىپ كېتىپ ،بىر دەم ئارام ئالاي دەپ يېتىشىمغا مۇخبىرلار كېلىپ سۈرەتكە تارتىۋىلىشتى ...
15.بىنا سالغۇچى سودىگەرلەر ئەيتۇدىلەركى :بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بىنا بۇ ،ئۆرە تۇرسا بىنا ،ياتسا جەسەت كۈلى قۇتىسى ...
16.ھۆكىمەت دېدۇلەركى :ئۆرۈلۈپ چۈشكىنى ۋاقىتلىق بىنا ،ھەقىقى بىنا ساق!
17.شىنخۇا ئاگېنىتلىقى : ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ كەيپىياتى تەدىرىجىي مۇقىملاشتى .ۋە بىنا ئۆرۈلۈشنىڭ ئۇلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بەس- بەستە ئېيىتتى ..
18.چەتئەل تاراتقۇللىرى دېدۇلەركى :ئىتالىيەنىڭ قىيسىق مۇنارى بار ،جوڭگونىڭ ياتىدىغان بىناسى بار .
19.خەلق ئاممىسى ئېيىتتۇلەركى :ئۇلى چىڭ بولمىسا ھەر قانچە ئېگىز بىنا بولسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆرۈلىدۇ .
مەنزىل :
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=37271
[
يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-7-3 12:17 ]