يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

‹‹نوبىل مۇكاپاتى›› قانداق خەجلەندى

‹‹نوبىل مۇكاپاتى›› قانداق خەجلەندى

   ‹‹نوبىل مۇكاپاتى›› قانداق خەجلەندى
                            دۆلەتكە تاپشۇرۇش

1990-يىلى نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سوۋېت زۇڭتۇڭى مىخائىل گورباچيوف ئىرىشكەن پۇلىنى بىر تىيىنمۇ نىرى-بىرى قىلماي دولەت مالىيەسىگە تاپشۇرپ،بۇ پۇللار بىلەن روسىيە،ئۇكرائىنا ۋە بىلورۇسىيەلەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دوختۇرخانا سالدۇردى .

                               ساياھەت قىلىش

1965-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن يازغۇچى شولوخوف مۇكاپات پۇلىغا دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلدى.شولوخوفنىڭ قىزى سۋېتلانا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹دادام 1941-يىلى ئىرشكەن (سىتالىن مۇكاپاتى)پۇلىنى دولەت مۇداپىيە فوندىغا تەقدىم قىلغان ؛(لېنىن مۇكاپاتى) پۇلىنى ئوزى ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتەپنى رېمىنۇت قىلىشقا بەرگەن ؛ (نوبېل مۇكاپاتى)پۇلىغا بىز بالىلىرىنى ئىلىپ ياۋرۇپا ۋە ياۋرۇپانى كۆرسىتىپ كەلدى .››

1964-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،فىزىك ئالېكساندىر پروخوروفمۇ پۇلىنى ئاشۇنداق خەجلىگەندى،ئۇ ‹‹نوبېل مۇكاپاتى›› پۇلىنى غەرىپتىكى بىر بانكىغا ئامانەت قويۇپ،چەتئەللەرگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغاندا،خانىمى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى بىمالال ئىلىپ چىقالايدىغان بولدى ،چۇنكى ئۇنىڭ كاماندۇرۇپكا ھەققى ۋە مائاشى كۆپچىلىكنىڭ چىقىمىنى كۆتۇرەلمەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ مۇكاپات پۇلىنى موشۇنداق خەجلەشكە توغرا كەلگەنىدى .

                                          تىجارەت قىلىش

1982 -يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن يازغۇچى گارسىيا ماركوز مۇكاپات پۇلىغا << Revista Cambio >>ناملىق بىر ژورنال تەسىس قىلدى .مەزكۇر ژورنال تا بۇگۇنگە قەدەر كولومبىيە ۋە مېكسىكىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتىدۇ.

                               ئوي سىتېۋىلىش

1970-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالېكساندىر سولژېنىتسىن بىر مۇنچە ئەگرى –توقايلىقنى باشتى ئۆتكۇزۇپ بۇ پۇلغا ئىرىشتى .ئاڭلاشلارغا قارغاندا ئۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇكات تارقىتىش يىغىنىغا فىراك كىيىپ ئەمەس بەلكى جازا لاگىرىدا كىيگەن سوكنا چاپىنىنى كىيىپ باردىغانلىقىنى بىلدۇرگەن .سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزى كومتېتى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ،ئۇنىڭ ستوكھولمغا بىرىپ مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن مۇكاپات پۇلى ئۇزۇن بىر مەزگىل غەرىپنىڭ بىر بانكىسىغا قويۇپ قويۇلغان.1973-يىلى سولژېنىسىن ‹‹گۇلاگ تاقىم ئارلى››نىڭ بىرىنچى بابىنى يىزىپ بولغاندا قولغا ئىلىنىپ فىدىراتىپ گېرمانىيىگە سۇرگۇن قىلىندى،ئۇ شۇ يەردىن ئامرىكىغا بىرىپ ‹‹نوبېل مۇكاتى››پۇلىغا ۋېرمونىت شىتاتىدىن بىر قورۇقنى سىتىۋالدى .ئۇنىڭ ئويىگە زىيارەتكە بارغان مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە سولژېنىتسىن ئىككى يۇرۇش ئوي بارئىكەن :بىرى تۇرۇالغۇ ئوي بولۇپ ئىككى خانىمى ،قىيىنئاپىسى ۋە ئۇچ ئوغلى تۇردىكەن .يەنە بىرى خىزمەت ئۆيى بولۇپ ئوزى ئۇيەردە يىتىپ- قوپىدىكەن  ۋە خىزمەت قىلىدىكەن .

                                              خانىىمىغا تاپشۇرۇش

بىرەيلەن 2003 –يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاتىغا   ئىرىشكۇچىلەردىن بىرى بولغان ۋېتال جىنزبۇرگدىن بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇرىسىنى قىسىپ قويۇپ:‹‹ھەممىسىنى خوتۇنۇمنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم ،ئۇ ئۆيدە چوڭ ھوقۇقدار،پۇلنى قانداق ئىشلىتىشتە ئۇنىڭ دىگىنى ھىساپ›› دىگەن.

2002 -يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ۋېنگرىيىلىك يازغۇچى ئېلتاس ئىملايمۇ مۇكاپات پۇلىنى خوتۇنىغا تاپشۇرغان.ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئون نەچچە يىللىق تەنھالىق ۋە نامراتلىقنى خوتۇنۇم مەن بىلەن بىرگە ئۆتكۇزدى،ئۇ بۇ پۇللارنى ئىشلىتىشكە تامامەن ھەقلىق،قانداق خەجلىسە كارىم يوق،كىيىم-كىچەك،ئالتۇن-جاپدۇق ئىلىۋالسۇن.››خوتۇنى دىگەندەك شۇنداق قىلدى.

                                    نام -شەرپىنى قالدۇرۇش

1- نۆۋەتلىك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1901)غا ئېرىشكۇچى،فىرانسىيەنىڭ 62ياشقا كىرگەن شائىرى سۇرى پلودومنىڭ مۇكاپات پۇلىنى خەجلەش ئۇسۇلى بەلكىم ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.42مىڭ فىرانىك مۇكاپات پۇلى ئەينى چاغدا ناھايىتى كوپ پۇل ئىدى.ئۇ بۇ پۇل بىلەن ‹‹سۇرى پلودوم شېئىرىيەت مۇكاپاتى›› تەسىس قىلدى.مەزكور مۇكاپات ئۇ ۋاپات بولۇپ ئالتە يىللا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى .

                                           پەن تەتقىقاتقا ئىشلىتىش

رۇسىيەدە تۇنجى قىتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگ ئىۋان پالوف ياخشى ئۇلگە تىكلەپ بەرگەن،ئۇ مۇكاپات پۇلىغا بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ،ئوزى مەزكۇر تەتقىقات ئورنىغا ئۇدا 1936-يىلغىچە باشلىق بولۇپ ئىشلىدى.

1908-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مىكرو بئولوگ ئىلىيا مىچىنكوف مۇكاپات پۇلىنى ئوزى تەجىربىخانىغا مۇدىر بولۇپ تۇرغان پارىژدىكى باسىد تەجىربىخانىسىغا ئىئانە قىلغان. 1965-يىلى نوبېل مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن، باس تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات بىلەن  شۇغۇلىنىدىغان مىكرو بىئولوگ ئاندىرې مېشېر لېئاۋمۇ مىچىنكوفنى ئۇلگە قىلىپ،مۇكاپات پۇلىنى تەتقىقات ئورنىغا تەقدىم قىلغان .

2000-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ر.ئارفېلوفمۇ ئېرىشكەن پۇلىنى تەتقىقات ئورنىغا ئىئانە قىلىپ مائارىپ ۋە ئىلىم –پەن مۇكاپات فوندى قىلغان .

                             ماخاۋ كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سېلىش

1957-يىلى نوبېل تىنىچلىق مۇكاتىغا ئىرىشكەن گېرمانىيەلىك دوختۇر،ئىلاھىيەتچى ۋە موزىكانىت ئېبرىت شۋېيزخاف ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىنى گابوندىكى ئوزى ئىلگىرى قۇرغان بىر دوختۇرخانىنىڭ يىنىغا بىر ماخاۋ كىسەلىكلىرى دوختۇرخانىسى سىلىشقا تەقدىم قىلغان،بۇ دوختۇرخانا كىيىن خاتىرلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇزېي بولۇپ قالغان.بۇ دوختۇرخانا تا بۇگۇنگۇچە بىمارلارنى قۇبۇل قىلىدۇ .

                                     بۇزۇپ- چىچىش

1933-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رۇسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى ئىۋان پۇنىن ھەممە پۇلىنى بۇزۇپ چىچىۋەتكەن.پۇننىڭ دوستى شائىر ۋە پىروزىچى جىنايدا ساخوفىسكايا ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹مۇكاپات پۇلى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۇرىگە يېتەتتى،پۇننىن ئائىلىسىدىكىلەر بۇ پۇلغا يا تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالمىدى يا داچا سىتىۋالمىدى،فىرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پۇننىن پۇلىنى سۇدەك خەجلىدى ،كۇن بويى كاتتا زىياپەت تەييارلاپ،قىرىنداشلىرىغا (تۇرمۇش پۇلى)تارقاتتى،ھەرخىل ئىجتىمائېي تەشكىلاتلارغا پۇل تىقىۋەردى .ئاخىردا، بىرئاغنىسنىڭ مەسلىھىتى بىلەن قولدا قىېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى پۇلىنى ھەرگىز زىيان تارتمايدىغان تىىجارەتكە سىلىپ ،ئاقىۋەت زىيان تارتىپ قاقسەنەم بولۇپ قالدى. ››  دانىييلىك فىزىك نئېرس بور بىلەن ئىتالىيىلىك دراماتورگ دالېئو فورمۇ مۇكاپات پۇلىنى توپىدەك سورىۋەتكەن .

مەنبە:-  تەرمىلەردىن ئېلىندى.      


[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-7-2 02:20  ]
خورىزى يوق شەھەرنىڭ ، سەھرى كېيىن بولىدۇ .

TOP

ھاھاھا مەن بولغان بولسا بىر ئۆي سىتىۋالغان قالغان پۇللارنى دوسلۇرۇم ھەم تۇققانلىرىمغا
بەرگەن بولاتتىم

TOP

نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن پۇلنىمۇ قوقماي خەجلىيەلمەي خوتۇنىغا تۇتقۇزۇپ قويغىنىنى ئاۋۇ ئاخماقنىڭ.
توغرا دىگەنكەنسەن، شۇ يولدا ماڭ.

TOP

ئەمىليەتتە ئاشۇ خوتۇنغا تۇتۇقۇزغىنى بەك بۇۇپ چېچىۋىتىپتۇ

ئابدىكېرىم ئابلىزنىڭ خوتۇندەك بىر خەجلىگىلى تۇرسا كۆرۇڭ

TOP

ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ !    دىگەندەك  ئىش قىلىپتۇ  بەزىلەر !
پۇلنى كۆرۈپلا   ئەسلى تۇرمۇشىنى  ئۇنتۇپ  پۇلنى بۇزۇپ  چېچىۋېتىپتۇ ! ھەي ...!
بىلىم سىزنى ئىزدىمەيدۇ ، سىز ئۇنى ئىزدەڭ !

TOP

مەن بولغان بولسام دىگۈم يوق، ئۇنداق دىيىش ئەخمىقانىلىق، چۈنكى ماڭا ئۇنداق پۇللار كەلمەيدۇ
مەزمونسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلۇق ئۆتكەن بىر نەپەس.

TOP

تالنت بار ساپا يوق دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك . ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنلىرى باردۇ ھە ...
ئىھ ئاللاھ !  ھەق يولىدا چىڭ تۇرۇشىمنى مېنىڭ كۆڭلىمگە سالغىن ،نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مىنى ساقلىغىن !!!

TOP

يېڭى تېما