يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

قىزلاررەت قىلالمايدىغان تاتلىق ماخىتاشلار

قىزلاررەت قىلالمايدىغان تاتلىق ماخىتاشلار

قىزلار رەت قىلالمايدىغان تاتلىق ماختاشلار
1.يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە.

2.يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟
يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ.......

3.يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۈەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى ئېيتاي دېگەن.
قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ...

4.قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت:كەچۈرۈڭ!...مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مىجەزىم...
قىز:......

5.يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئىدى؟
يىگىت: بۈگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويالارسىزمۇ؟!......

6.يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز......

7.يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ......  

مەنبە   9ساراي تورى        

يىگىت

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى پاۋىل ، ۋاقتى: 2009-6-28 01:08  ]
يىگېت

TOP

مۇشۇنداق ماختاشلارغا ئىشىنىپ كەتكەن قىزلار ئاسانلا ھۆل كىسەككە دەسسەيدۇ. ئەقىلنىڭ قىسقىلىقى مۇشۇ.
توغرا دىگەنكەنسەن، شۇ يولدا ماڭ.

TOP

مىىنىڭچە  ئۇنداق ئەمەس
يىگېت

TOP

2.يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟
يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ.......
6.يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز......

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
  ئالامەتكەن.....
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
Intel D915 CPU
945G + ICH7R
3GB DDR2 800 SDRAM
GeForse8500 显卡
250G +500GB +80GB  SATA硬盘
Intel 100 Etehernet
Realtec 7.1 Suond Card

TOP

يۇمۇرلاردىن ھوزۇر ئېلىپ تازا كۈلىۋاپتىمەن، ئەمما مەن ئۇنداق ماختاشلارنى ئاڭلاپ باقمىغان
مەزمونسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلۇق ئۆتكەن بىر نەپەس.

TOP

راست-يالغان ماختاشلارنى پەرىق قىلالمايمىزدە!

TOP

توۋا، مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام ماڭا ساختىدەكلا بىلىدۇ دىسە؟ شۇنداق گەپلەرنى قىلغان ئادەمنى كۆرسەممۇ بەك ئۆچ بولۇپ كېتىمەن.  ياكى قېرىدىممۇ ئەمدى

TOP

يېڭى تېما